نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 22 ئادەم قازا قىلدى.

1959258
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت تاراتقۇلىرى موتوسىكلىت مىنگەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىنىڭ كانكارا رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، 22 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كاتسىنا ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى گامبو ئىساھ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ، ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەستىنلا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى موتوسىكلىت مىنىۋالغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۆپىيىپ قالغاندىن كېيىن، بەزى ئۆلكىلەردە موتوسىكلىت ھەيدەشنى چەكلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر