گېرمانىيە ئۇكرائىنانى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى تەۋسىيە قىلىنغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي جەھەتتە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1959547
گېرمانىيە ئۇكرائىنانى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز پايتەخت بېرلىندا بۇتان باش مىنىستىرى لوتاي تشېرىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېىلپ: «رۇسىيە يېڭىدىن ئەسكەرلەرنى توپلاپ، ئالدىنقى سەپلەرگە ئەۋەتىۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىت ئاستىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بىز ئۇكرائىنانى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنىمىز ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئادىل تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ تېڭىلما تىنچلىق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شولز: «بىرى بېشىڭىزغا مىلتىق تەڭلەپ تۇرسا، سۆھبەت ئۆتكۈزەلمەيسىز. ئەمما، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ھېلىھەم مۇشۇنداق قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر