تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق ياردەملەر داۋاملاشماقتا

قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك بىلەن ئەلىبىستان ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان 7.7 بال ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەش 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەندىن كېيىنكى خەلقئارالىق ياردەملەر داۋاملاشماقتا.

1958340
تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق ياردەملەر داۋاملاشماقتا
pakistan yardım.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە 215 ئايروپىلان بىلەن ياردەم بويۇملىرى يەتكۈزدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدىكى  باياناتىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھياننىڭ 7 – فېۋرالدىكى پەرمانىغا بىنائەن تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن باشلىتىلغان  «يىگىت سۇۋارى 2» ناملىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

ھەرىكەت دائىرىسىدە، 215 ئايروپىلان بىلەن تۈركىيە ۋە سۈرىيىگە 5 مىڭ 975 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىڭ چېدىر توشۇش ئۈچۈن «ئالاھىدە ئۇچۇش ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، 1200 چېدىر قاچىلانغان تۇنجى ئايروپىلاننىڭ لاھوردىن ئادانا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈلۈپ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا يەتكۈزۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا، 13 مىڭ 600 قىشلىق چېدىر ئېلىپ ماڭغان 3 پاراخوتنىڭمۇ پاكىستاندىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقى ۋە مۇشۇ ئايدا مەرسىنغا يېتىپ كېلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر