ب د ت يىغىنى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-نۆۋەتلىك يىغىنى 6-فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.

1952123
ب د ت يىغىنى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا باشلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2023 – يىللىق نۆۋەتچى رەئىسى چېخىيەنىڭ ب د ت جەنۋە ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق  دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ۋاكلاۋ بالېك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىيو كاسسىس، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گۈۋەن بەگەچ، باشقا  دۆلەتلەر ھەم ب د ت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىن 6 -فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.

يىغىن ئېچىلىش نۇتۇقلىرى ئارقىلىق داۋاملاشماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، چېخىيەنىڭ ب د ت جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق  دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ۋاكلاۋ بالېك رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان يىغىن 4 – ئاپرېل (2023) ئاخىرلىشىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر