ئامېرىكا پالاتاسىدىن 4 كىشىلىك ھەيئەت تەيۋەندە زىيارەت بولدى

ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ تۆت كىشىلىك بىر ھەيئىتى خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشى داۋاملىشىۋاتقان تەيۋەننى زىيارەت قىلدى.

1949091
ئامېرىكا پالاتاسىدىن 4 كىشىلىك ھەيئەت تەيۋەندە زىيارەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋەرى: تەيۋەن ئاگېنتلىقى «CNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن رو خاننا، جەيك ئاۋچىنكلوس ۋە جوناتان جېكسون شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پالاتا ئازاسى تونىي گونزالېس قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن تۆت كىشىلىك ھەيئەت بەش كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) تەيۋەنگە يېتىپ بارغان.

ئامېرىكا ھەيئىتى تۈنۈگۈن باشلانغان رەسمىي ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تەيۋەن قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ باشلىقى سەن سى-كۇن ۋە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيانىڭ رەھبىرى ھېسابلىنىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى موررىس چاڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا ھەيئىتىگە رەھبەرلىك قىلغان رو خاننا زىيارەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ بۇ يەردىكى تىرىشچانلىقىمىزھەرگىزمۇ قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئەمەس، پائالىيىتىمىز پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ رايون تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇش ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان سىياسىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگىدۇر» دېدى.

ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ بۈگۈن (21-فېۋرال) تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پالاتا ئەزاسى تود ياڭنىڭ 1-ئايدىكى زىيارىتىنى قوشقاندا، بۇ يىل (2023) ئامېرىكا پالاتاسى ھەيئىتى تەيۋەننى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان بولدى.

دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى خاننا ۋە ئاۋچىنكلوسنىڭ ئامېرىكادا يېڭىدىن قۇرۇلغان «خىتاي بىلەن رىقابەت كومىتېتى» غىمۇ ئەزا ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ئاۋغۇستتا (2022) تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى ۋە خىتاينىڭ مانېۋىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىككە سەۋەب بولغان ئىدى.

خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشى داۋاملىشىۋاتقان تەيۋەنگە ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بارغان بولۇپ، پېلوسىنىڭ زىيارىتى تەيۋەننى  ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى  قوزغىغان ھەتتا خىتاي ئارمىيەسى زىيارەتتىن كېيىن ئارال ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان ئىدى.

خىتاي «بىر خىتاي پرىنسىپى» نى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىللىك قىلىشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە ھەمدە خىتاينى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشى كېرەكلىكىنى شەرت قوشۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر