ئەنگلىيە نامەلۇم جىسىملار ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىدى

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللىس ئامېرىكا ۋە كانادا بىر جاسۇسلۇق شارى، ئۈچ دانە «نامەلۇم جىسىم» دەپ ئاتالغان ۋە يۇقىرى ئېگىزلىكتە ئۇچقان تۆت دانە ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1945897
ئەنگلىيە نامەلۇم جىسىملار ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللىس (Ben Wallace) ئامېرىكادا تۈنۈگۈن (12-فېۋرال) كېچە «نامەلۇم جىسىم» ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، فېۋرالدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن تۆت جىسىمنىڭ قانداق خەتەر پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىتتىپاقداشلار بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەنگلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بۇ ھاۋا ئاپپااتىلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە كىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىمىز نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيا خەۋپسىزلىكىنىڭ قانداق ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ يېڭى ئىسپاتى» دېدى.

ئۇ تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش ۋە كۆزىتىش خىزمەتلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش-كىرگۈزسمەسلىكنىڭ قارار قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «نامەلۇم جىسىملار» نىڭ ئەنگلىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتكەن بولۇشى ئېھتىمالى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى بېن ۋاللىسنىڭ «ئەنگلىيە ئاسمىنىدا كۆرۈلگەن بولسا، ئېتىپ چۈشۈرەتتۇق» دېگەن باياناتىنى خاتىرىلەتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى 4-فېۋرالدا مونتانا ئاسمىنىدا بايقالغان خىتاينىڭ غايەت زور شارىنى جەنۇبىي كارولىنا دېڭىز قىرغىقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-فېۋرالدا ئالياسكا ئاسمنىدا نامەلۇم بىر جىسىمنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كانادا باش مىنىستىرى ترۇدۇ تۈنۈگۈن (12-فېۋرال) ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا يۇكون (Yukon) رايونى ئاسمىنىدا نامەلۇم بىر جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ بىر شارى ۋە ئۈچ دانە نامەلۇم جىسىم بولۇپ، جەمئىي تۆت دانە ھاۋا جىسمىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن بولدى.

شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە قومانلىق ئىشتابى يادرو قوراللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مونتانا ئىشتاتى ئاسمىنىدا نورمال بولمىغان رادار ھەرىكەتلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايوندا قىسقا ۋاقىت ئۇچۇشنى چەكلىگەن ئىدى. تەكشۈرۈشلەردە رادارغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق جىسىمنىڭ بايقالمىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر