ئۇكرائىنادا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى يېڭىدىن تەيىنلەندى

ئۇكرائىنادا ئىگور كلىمېنكو ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ۋاسىل ماليۇك ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك مۇلازىمەت ئىدارىسى (SBU) نىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى.

1943241
ئۇكرائىنادا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى يېڭىدىن تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىگور كلىمېنكونى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەش ۋە ۋاسىل ماليۇكنى بولسا، ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسى (SBU) نىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەش ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

يېقىنقى تۆت يىلدىن بېرى ئۇكرائىنا ساقچى ئىدارىسى باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان 51 ياشلىق كلېمېنكو، يانۋاردا (2023) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دېنىس موناستىرسكىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ خىزمەت ئۆتىمەكتە ئىدى.

ماليۇك  بولسا، ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك مۇلازىمەت ئىدارىسى (SBU) نىڭ باشلىقى ئىۋان باكانوۋ ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن «SBU» نىڭ مۇۋەققەت باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر