ناتو باش كاتىپى: خىتاي رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدىكى قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1941036
ناتو باش كاتىپى: خىتاي رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە
nato-japonya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ شەرقىي ئاسىيا زىيارىتى دائىرىسىدە ياپونىيە پايتەختى توكيوغا يېتىپ باردى.

ئۇ توكيودىكى  ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، كېيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: «ياپونىيە يەرشارىدىكى مۇھىم ئاكتىيور بولۇپ، تىنچلىقنى ئاكتىپ قوللىماقتا. دەرۋەقە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ تىنچلىقنى قوغداشتۇر.»

ئۇ تېررورىزمدىن كىلىمات ئۆزگىرىشىگىچە، تور تەھدىتلىرىدىن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىگىچە بولغان يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق تەرتىپ تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، موسكۋا بىلەن بېيجىڭ مۇستەبىت ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتا.»

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭمۇ خەلقئارالىق بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان تەقدىردە، «موسكۋا ۋە بېيجىڭغا بېرىلىدىغان سىگنالنىڭ، <رەھىمسىزلەرچە كۈچ ئىشلەتكەندە نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقى> دىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئەتە - ئۆگۈن شەرقىي ئاسىيادىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە، ئۇرۇشنىڭ پەقەت ياۋروپا كىرىزىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنياۋى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا قارىتا دۇئېل ئېلان قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە ۋە كەلگۈسىدىكى قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر