فىرانسىيە باش مىنىستىرى پېنسىيە يېشىنى مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېلىسابېت بورنې ھۆكۈمەت تەييارلىغان ئىسلاھات پىلانى رامكىسىدا، پېنسىيە يېشىنى 64 كە چىقىرىشنى مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1939359
فىرانسىيە باش مىنىستىرى پېنسىيە يېشىنى مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېلىسابېت بورنې 6-فېۋرالدىن (2023) تارتىپ پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان پېنسىيە ئىسلاھاتى ئۈستىدە توختىلىپ، پېنسىيە يېشىنى 64 كە چىقىرىشنى مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ «پېنسىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچىسى ئاياللار» دېگەن قاراشنىڭ ئەكسىچە، ئىسلاھاتنىڭ كەسپىي جەھەتتە  قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاياللارنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئىسلاھاتتا پېنسىيە مائاشى ئۆستۈرۈلىدىغانلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئاياللارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باش مىنىستىر ئېلىسابېت بورنې 10-يانۋار ماكروننىڭ سايلام ۋەدىلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان پېنسىيە ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پېنسىيە يېشى 62 بولغان فىرانسىيەدە، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ قانۇنىي پېنسىيە يېشى قەدەممۇ قەدەم ھەر يىلى ئۈچ ئاي يۇقىرىلىتىپ 2030-يىلى 64 كە چىقىرىش پىلان قىلىنغان ئىدى.

پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى 19-يانۋار دۆلەت مىقياسىدا باشلانغان ئىش تاشلاشقا 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان ئىدى. ئەڭ مۇھىم سەككىز ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كىشىلەرنى 31-يانۋارغىچە ئىش تاشلاپ نامايىش قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر