ئامېرىكا ۋاگنېرنى جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى دەپ جاكارلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەرلەر گۇرۇھى — ۋاگنېرنى خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلدى.

1938563
ئامېرىكا ۋاگنېرنى جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى دەپ جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى قارار ماقۇللاپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلەر گۇرۇھىنى «خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا چېتىشلىق كىشى ۋە ئورگانلارنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، ۋاگنېرغا پۇقرالارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىشىنىڭ جاۋابكارى ياكى ئۇنىڭ جىنايى شېرىكى بولغانلىقى ئۈچۈن قوشۇمچە جازا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرىنى ئالدىنقى سەپكە يۆتكىگەن يېشىل نۇر – موسكۋا (Green Light Moscow) ناملىق ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقاö ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىغا كۈچ چىقارغان ئورگانلارمۇ تىزىملىكتىن نېسىۋىسىنى ئالدى.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ئىستراتېگىيە بەلگىلەيدىغان «ئافرىقا سىياسىتى» ناملىق سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن، بۇ جازالارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى قوللاش ئىقتىدارىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى  ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر