ئامېرىكا بېلارۇسىيەنىڭ 25 ئەمەلدارىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بېلارۇسىيەنىڭ ئۆكتىچى سىياسەتچىسى سيۋاتلانا تسىخنانوۋسكايا ۋە بەزى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۈستىدىن باشلانغان غايىبانە سوتلاش سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتنىڭ 25 ئەمەلدارىغا ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1934353
ئامېرىكا بېلارۇسىيەنىڭ 25 ئەمەلدارىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بېلارۇسىيەدىكى سىياسىي سوتلارغا قارشى تەدبىر يولغا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى رەھبەر سيۋاتلانا تسىخنانوۋسكايا ۋە باشقا دېموكرات سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئاساسسىز ئەيىبلىنىپ، غايىبانە سوتلاش ئارقىلىق «بېلارۇسىيە خەلقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دېموكراتىك ئارزۇسىنى سىياسىي مەقسەتلىك سوتلار بىلەن باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە جاۋاب سۈپىتىدە، دېموكراتىيەنى پالتىلاشقا چېتىلغانلىقلىرى ئۈچۈن 8015-نومۇرلۇق پىرېزىدېنتلىق بەلگىلىمىسى رامكىسىدا 25 بېلارۇسىيە ئەمەلدارىغا ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى» دېدى.

ئۇ بۈگۈن ۋىزا چەكلىمىسى يولغان قويۇلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا بېلارۇسىيەدىكى 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن تارتىپ 322 كىشىگە ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سيۋاتلانا تسىخنانوۋسكايا 2020-يىلى بېلارۇسىيەدە ئكتكۈزۈلگەن سايلامدا پىرېزىدېنت ئالېكساندېر لۇكاشېنكوغا قارشى نامزات بولغان بولۇپ، سايلامدىن كېيىن لىتۋانىيەگە قېچىپ كەتكەن ئىدى.

بېلارۇسىيە سىرتىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن سىياسىي پائالىيەتچىلەر بىلەن سيۋاتلانا تسىخنانوۋسكايانى «ۋەتەنگە خائىنلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ غايىبانە سوتقا تارتىش ئىشلىرى، تۈنۈگۈن (2023-يىلى 17-يانۋار) مىنسكتا باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر