تايلاندتا نېفىت باكى پارتلىدى
تايلاندتىكى بىر پاراخوت زاۋۇتىدىكى نېفىت باكىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، كەم دېگەندە 8 ئىشچى يوقاپ كەتتى.
1933823
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹باڭكوك پوچتىسى›» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانچانابۇرى ئۆلكىسىنىڭ مۇاڭ رايونىدىكى بىر پاراخوت زاۋۇتىدا رېمونت قىلىنىۋاتقان نېفىت باكىغا ئالدى بىلەن ئۆت كەتكەن، ئاندىن پارتلىغان.
پارتلاشتا كەم دېگەندە 8 ئىشچى يوقاپ كەتكەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئۆچۈرۈلگەن ۋە يوقاپ كەتكەن ئىشچىلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھەمدە ۋەقەنى تەكشۈرۈش باشلانغان.