سومالى ئارمىيەسى خاراردھېرې شەھىرىنى قايتا كونترول ئاستىغا ئالدى

سومالى ئارمىيەسى 12 يىلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ كونتروللۇقىدىكى خاراردھېرې شەھىرىنى قايتىدىن كونتىرول ئاستىغا ئالدى.

1934035
سومالى ئارمىيەسى خاراردھېرې شەھىرىنى قايتا كونترول ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر مۇھەممەد نۇر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ كونتروللۇقىدىكى خاراردھېرې شەھىرىنى توقۇنۇشسىز ھالدا كونتىرول ئاستىغا ئالغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر نۇر گالكاد ۋە سېلدېر شەھەرلىرىنىڭمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب قولغا كىرگۈزۈۋالغان تۇنجى شەھەرلەردىن بىرى بولغان خاراردھېرې شەھىرى، مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىر تەرەپتىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب شەھەر – كەنتلەر ۋە يېزا – قىشلاقلارغا پات – پات ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر