ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى مەخپىي ھۆججەتلەر سەۋەبىدىن كۈنتەرتىپتىن چۈشمەي كەلمەكتە

سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپتىن كېيىن، بۇ قېتىم ھازىرقى پىرېزىدېنت جو بايدىن مۇھىم تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلاندى.

1931110
ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى مەخپىي ھۆججەتلەر سەۋەبىدىن كۈنتەرتىپتىن چۈشمەي كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىننىڭ خۇسۇسىي ئىشخانىسىدا سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدىكى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلاردىن قالغان «دۆلەتكە تەۋە مەخپىي ھۆججەتلەر» تېپىلدى.

ئاقساراي مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغان مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جو بايدىن بولسا، ئىشخانىسىدىن مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتتى.

بايدىن مېكسىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ «CNN» تېلېۋىزىيە قانىلى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇكرائىنا، ئىران ۋە ئەنگلىيە توغرۇلۇق ئىستىخبارىي مەلۇماتلار شۇنداقلا بۇيرۇقلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېمىغا يېقىن بىر مەنبەنى ئاساس قىلغان خەۋەردە، مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ 2013 -  ۋە 2016 - يىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ يېڭى ئەھۋال ئامېرىكادا يېڭى مۇنازىرەلەرگە يول ئاچتى. سابىق پرېزىدېنت ترامپ بايدىنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) بايدىننىڭ ئۆيىگە، ھەتتا ئاقسارايغا قاچان بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ؟» دەپ سوئال سورىدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىلگىرى تىرامپنىڭ فلورىدادىكى ئۆيىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا تەخمىنەن 100 گە يېقىن مەخپىي ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى.

تەكشۈرۈشتە، «ئەڭ مەخپىي» دەپ تامغا ئۇرۇلغان ھۆججەتلەر تېپىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر