ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى.
1931306
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ كابۇل ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى خالىد زادران ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يېقىن يەردە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.