ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادا بىرازىلىيە مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور ۋە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو سابىق پىرېزىدېنت جاير بولسونارو تەرەپدارى ئوڭچىللارنىڭ بىرازىلىيە مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

1930333
ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادا بىرازىلىيە مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىباشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن مېكسىكانىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە جەم بولغان رەھبەرلەر، بىرازىلىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر ئۈچ رەھبەر، كانادا مېكسىكا ۋە ئامېرىكانىڭ «بىرازىلىيە دېموكراتىيەسى ۋە ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇساپىسىگە قىلىنغان 8ھۇجۇملىرى»نى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ «دېموكراتىك ئورگانلىرىنى قوغداۋاتقان بىرازىلىيە» بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ھۆكۈمەتلىرىمىز بىرازىلىيە خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى قوللايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان ئۈچ رەھبەر، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناسىئو لۇلا دا سىلۋا بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئالدىنقى كۈنى ئارمىيەنىڭ بىرازىلىيە سىياسىي ۋەزىيىتىگە قول تىقىشىنى تەلەپ قىلىپ شوئارلارنى توۋلىغان سابىق پىرېزىدېنت جاير بولسونارو قوللىغۇچىلىرى، ساقچىلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي بىناسىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەن ساقچىلار، نامايىشچىلارنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ۋە ئالىي سوت بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانىدى.

بىخەتەرلىك قىسىملىرى، بىرازىلىيە مەملىكەت قۇرۇلتاي بىناسى ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە بېسىپ كىرگەن بولسونارو قوللىغۇچىلىرىنى بىنالاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر