ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 11 - قېتىملىق باشلىق سايلىمى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىق سايلاش تىرىشچانلىقى يەنە بىر قېتىم نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.

1928894
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 11 - قېتىملىق باشلىق سايلىمى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر، پارتىيە ئىچىدىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن باشلىقىنى سايلىيالمىدى؛ 11-قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا، 200 بېلەتكە ئېرىشكەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى كېۋىن ماككارتى، يېتەرلىك قوللاشنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ماككارتىنى قوللىماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋالغان 12 پالاتا ئەزاسى، بايرون دونالدسنى قوللاپ، يەتتە پالاتا ئەزاسى كېۋىن خېرننى قوللاپ بېلەت تاشلىدى.

دېموكراتچىلارنىڭ 212 ئەزاسىنىڭ ھەممىسى پارتىيە رەھبىرى ھاكىم جېفرىسقا بېلەت تاشلاشنى داۋاملاشتۇردى.

ئاۋام پالاتاسى باشلىقى سايلىنالمىغان بولغاچقا، پالاتا ئەزالىرى ھازىرغىچە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىيالمىدى.

قانۇنغا ئاساسەن، ئاۋام پالاتاسى باشلىقىنى سايلىماي تۇرۇپ، ھېچقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارالمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر