رۇسىيە گىرېتسىيەنىڭ S-300 لەرنى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ گىرېتسىيەنىڭ S-300 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى رۇسىيەنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1925168
رۇسىيە گىرېتسىيەنىڭ S-300 لەرنى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى —پېرۋىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ گىرېتسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى S-300 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، ئەسلىدە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان بۇ سىستېمىلارنىڭ ئاخىرىدا گىرېتسىيەگە بېرلگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەندىن كېيىن: «بىز باش ئەلچىمىزنى گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ سىستېمىلارنىڭ گىرېتسىيەگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىشكە بۇيرۇدۇق. گىرېتسىيەنىڭ بۇ سىستېمىلارنى ھېچكىمگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھوقۇقى يوق. بىز گرېتسىيەلىكلەرگە بۇنى ئەسكەرتتۇق. ئۇلار بىزگە بەرگەن ۋەدىسىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش قارارى توغرىسىدىمۇ توختالغان لاۋروۋ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئەلچىخانىمىز ئارقىلىق ئامېرىكالىقلاردىن (ئۇكرائىنانى) ئىشلىتىشى قىيىن بولغان <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش قارارىنىڭ ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇ يەرگە (ئۇكرائىناغا) بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان – بەرمەيدىغانلىقىنى سورىدۇق. (ئامېرىكا) بىزگە ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇنداق بىر پىلاننىڭ يوقلۇقىنى، چۈنكى ئامېرىكانىڭ رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق سىستېمىىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈچە بولغان بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ئىشارەت قىلىپ، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، «ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا يول قويمايۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر لاۋروۋ، ئەگەر دونېتسىك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنسا، بۇ كېلىشىمنى تۈزۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىىنى بالدۇرراق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر