كلىچكو: كىيېۋدا بىر قاتار پارتلاشلار يۈز بەردى

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى — تېلېگراممىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، پايتەختنىڭ بىر قانچە يېرىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1925330
كلىچكو: كىيېۋدا بىر قاتار پارتلاشلار يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو ئۇچۇرىدا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «كىيېۋدا توك توختاپ كېتىشى مۇمكىن. تېلېفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرگە توك قاچىلىۋېلىڭلار، سۇنى زاپاسلىۋېلىڭلار» دېدى.

كىيېۋ ئاسمىنىدا ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلات باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ پايتەخت كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر