جەنۇبىي ئافرىقادا نېفىت ئاپتوموبىلى پارتلاپ 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە شەنبە كۈنى (2022-يىلى 24-دېكابىر) بىر نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 15 كە چىقتى.

1923605
جەنۇبىي ئافرىقادا نېفىت ئاپتوموبىلى پارتلاپ 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا سەھىيە مىنىستىرى جو فالا بايانات ئېلان قىلىپ، نېفىت ئاپتوموبىلى پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغان بەش كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 15 كە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جېنىدىن ئايرىلغان ئۈچ كىشىنىڭ شىددەتلىك پارتلاشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۆلەت تاشيوللىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سىمون زۋانې پارتلاشنىڭ بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىمۇ ھېس قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جوھاننېسبۇرگنىڭ بلوكسبۇرگ رايونىدا كۆۋرۈك ئاستىدا قاپسېلىپ قالغان نېفىت ئاپتوموبىلى سۈركىلىش نەتىجىسىدە ئوت كېتىپ پارتلىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر