كولومبىيەدىكى بىر نېفىت زاپاسلاش مەركىزىدە پارتلاش يۈز بەردى

كولومبىيەنىڭ شىمالىدىكى باررانكۋىللا شەھىرىدىكى يېقىلغۇ زاپاس مەركىزىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئوت ئۆچۈرگۈچى قازا قىلدى، ئىككى ئادەم يارىلاندى.

1922171
كولومبىيەدىكى بىر نېفىت زاپاسلاش مەركىزىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ ئاتلانتىكو مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كومپاس پورتىدا تۇرۇۋاتقان بىر خۇسۇسىي نېفىت شىركىتىنىڭ يېقىلغۇ زاپاسلاش مەركىزىدىكى تۆت چوڭ ماي باكىنىڭ ئىككسىى پارتلاپ كېتىپ، بىر ئوت ئۆچۈرگۈچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن مۇداخىلە قىلىپ، ئوتنىڭ باشقا تانكىلارغا تۇتىشىپ  كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

پورتنىڭ پاراخوت قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقى، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر