ئانتونىيو تاجانى: تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىپ ئۇرۇشنى توختىشىشى كېرەك

ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە سۆھبەتنى باشلاش ئۈچۈن، تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1918672
ئانتونىيو تاجانى: تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىپ ئۇرۇشنى توختىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىيو تاجانى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىق» يىغىنىغا قاتناشتى ۋە ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «ئەپسۇسكى ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئانچە يېقىن ئەمەس، ئەمما ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز لازىم. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى بۇنداق ساراڭلارچە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىشىمىز ۋە بارلىق زۆرۈر ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاساس قىلغان بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى بىلەن بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تاجانى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۇپۇقتا كۆرۈنۈۋاتقان ياكى كۆرۈنمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا قارىتا، ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى قولايلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مەن تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە سۆھبەتنى باشلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىگە ۋە شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئانتونىيو تاجانى رۇسىيەنىڭ  بۇ جەھەتتە زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى قەدەمنى بېسىش ئارقىلىق سىگنال بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاجانى ئىتالىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارغا ياردەم بېرىشتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە 10 مىليون ياۋرو ئاجرىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر