ئامېرىكا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مۇ پايدىلىنىدىغان مەبلەغنى قىستى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتى لايىھەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مۇ پايدىلىنىدىغان مەبلەغدىن 18 مىليون دوللار قىستى.

1916725
ئامېرىكا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مۇ پايدىلىنىدىغان مەبلەغنى قىستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2023 – يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتى لايىھەسىىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان  دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مۇ پايدىلىنىدىغان دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ ئىراق قىسمىدىن 35 مىليون 811 مىڭ دوللار، سۈرىيە قىسمىدىن بولسا 18 مىليون 368 مىڭ دوللار قىسىلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى، 858 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىىنى 80 گە قارشى 350 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، تەستىقلىشى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىغا يوللىدى.

ئىراق ۋە سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شېرىكلىرىگە بېرىلىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان 541 مىليون 692 مىڭ دوللارلىق مەبلەغنىڭ 487 مىليون 513 مىڭ دوللارلىق قىسمى تەستىقلاندى. لايىھەدە، بۇ ئومۇمىي مەبلەغگە  15 مىليون 413 مىڭ دوللارلىق پۇل پاخاللىقى پەرقىنىڭ قوشۇلغانلىقى، ئومۇمىي سوممىنىڭ 502 مىليون 926 مىڭ دوللارغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى كۆرۈلدى.

بۇ قانۇن لايىھەسىدە، «ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ياردەم تەشەببۇسى» نى قوللاش ئۈچۈن 800 مىليون دوللار، ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 6 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلدى.

تۈركىيەگە « F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىلىشىنى چەكلەيدىغان ماددىلار، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنىدى.

كېڭەش پالاتاسىنىڭمۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنى  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  تەستىقلاپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا يوللىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر