رۇسىيە زاپورىژىياغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ زاپوروژىيا رايونىنىڭ كۇپرىيانوۋكا ۋە نوۋوتاۋىرىچۋىسكويې يېزىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئۈچ پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
1916489
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زاپورىژىيا ۋالىيسى ئولېكساندېر ستارۇخ تېلېگرامما سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۇپرىيانوۋكا ۋە نوۋوتاۋىرىچۋىسكويې يزېىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 3 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
كۇپرىيانوۋكا بىلەن بولغان ئارىلىقى 9 كىلومېتىر كېلىدىغان نوۋوتاۋىرىچۋىسكويېغا قىلىنغان بۈگۈن، ئەتىگەنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ نۇرغۇن ئۆيلەرگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.