كەركۈكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىغا قارشى ھەرىكەت باشلاندى

ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىغا قارشى ھەرىكەت باشلىدى.

1916226
كەركۈكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىغا قارشى ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى باياناتچىسى ئامىر نۇرى بۇ ھەرىكەتنىڭ ھاۋىس ناھىيەسىگە قاراشلىق كىچىك يورگۇن، بۈيۈك يورگۇن، ھەمىدىيە ۋە مالىخا يېزىلىرىدىن باشقا يەنە، ھاسا، ئەل-جەنابى ۋە ئەل-يورگۇن ۋادىسىغا يېقىن جايلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ ھەرىكەتكە يېقىندىن ماسلاشقانلىقىنى ۋە ھاشدى شاببى قىسىملىرىنىڭمۇ ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى 2014 - يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئىراقنىڭ مۇسۇل، سالاھادىن ۋە ئەنبار ئۆلكىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈك ئۆلكىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلار بىر قانچە يىل ئىچىدە دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئابادى 2017 - يىلى 9 - دېكابىردا دائېشقا قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

گەرچە دائېش رايوندىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، شەھەرلەر قايتۇرۇۋېلىنغىنىغا 5 يىل بولغان بولسىمۇ، دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى بولۇپمۇ كەركۈك، دىيالا، مۇسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ئۆلكىلىرىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا پات- پات داۋاملىشىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ: #دائېش , #كەركۈك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر