ئەنگلىيە 6 ئايلىقتىن 4 ياشقىچە بولغان بالىلارغا كوۋىد-19 ۋاكسىناسى ئەملەشنى تەستىقلىدى
ئەنگلىيە دورا ۋە سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنى 6 ئايلىقتىن 4 ياشقىچە بولغان بوۋاق ۋە بالىلارغا «Pfizer-BioNtech» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كوۋىد-19 ۋاكسىناسىنى ئەملەشكە رۇخسەت قىلدى.
1915850
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دورا ۋە سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باياناتىدا، «Pfizer-BioNtech» شىركىتىنىڭ «Comirnaty» ۋاكسىناسىنىڭ زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك، سۈپەت ۋە ئۈنۈم ئۆلچىمىگە توشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، كوۋىد -19 ۋاكسىناسىنى 6 ئايلىقتىن 4 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ۋە بالىلارغا ئەملەشنىڭ تەستىقلانغانلىقى، بۇ قاراردىن ئىلگىرى 4526 قاتناشقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كلىنىكىلىق سىناقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭمۇ تەكشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، بۇ دائىرىدە بىيونتېك- فايزېر ۋاكسىناسىنىڭ تەسىرىنىڭ «بۇ ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ۋاكسىنىدىن كۈتۈشكە بولىدىغان ئەھۋال بىلەن ماس كېلىدىغانلىقى» ئەسكەرتىلدى.