رۇسىيەدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

رۇسىيەنىڭ كۇرسك شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئايرودۇرۇمنىڭ نېفىت ساقلاش ئورنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1915276
رۇسىيەدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇرسك رايونى ۋالىيسى رومان ستاروۋىت ئۆزىنىڭ تېلېگرامما قانىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «كۇرسك ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، نېفىت ساقلاش ئورنىغا ئوت كەتتى. ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. ئوت ئۆچۈرۈلىۋاتىدۇ. بارلىق ئالاھىدە خادىملار نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ رۇسىيەنىڭ دىياگىلېۋو ۋە ئېنگېلس ھەربىي ئايرودۇرۇملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۈچ ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمى، تۆت ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى  ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر