كىربى تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىدىن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە دىرېكتورى جون كىربى تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىدىن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

1912296
كىربى تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىدىن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە دىرېكتورى جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن جون كىربى: «تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى ۋە پۇقرالىرىنى تېررورلۇققا قارشى قوغداش ھوقۇقى بار» دېدى.

ئۇ 22 – نويابىردا (2022) ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا «قانۇنلۇق تېررورلۇق تەھدىتى» گە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ھەر تۈرلۈك قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر