شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى دۆلىتىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتتى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون، دۆلىتىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1911375
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى دۆلىتىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىستېرسون «داگېنس نىخېتېر» گېزىتىگە بەرگەن باياناتى ئەسناسىدا، 28-ئىيۇن ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ: «راستىنى دېگەندە، بۇ ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى ئەمەس، بۇ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىك توغرىسىدا تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسى. بىز تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئورۇندايمىز» دېدى.

ئۇ، كېلەر يىلى ئەتىيازدا يولغا قويۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان يېڭى تېررورلۇق قانۇنىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز (قانۇن ھەققىدە) تۈركىيە بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. ھازىر بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ناتو بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىش رېئاللىقىمىزدۇر» دېدى.

كىرىستېرسون، تۈركىيەنىڭ شىۋىېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىق تەلىپىنى تەستىقلاش مۇساپىسىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ مەسىلە ھازىر تۈركىيەنىڭ قولىدا. مەن تۈركىيەنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىمەن. بىز، يەنى شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمى، بىزنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە 28-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا،ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللايدىغان مەزكۇر ئىككى دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانىدى؛ ئەنقەرە نۆۋەتتە كېلىشىمدە ۋەدە قىلىنغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر