ساندۇ: رۇسىيە مولداۋىيەنى قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى

مولداۋىيە پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى تۈپەيلى مولدوۋىيەدنىڭ توكسىز قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1910495
ساندۇ: رۇسىيە مولداۋىيەنى قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساندۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «رۇسىيە مولداۋىيەنى قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇپ قويدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى ئىنسانلارنى ئۆلتۈرمەكتە، ئولتۇراق رايونلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ۋەيران قىلىنماقتا» دېدى.

مولداۋىيەدە توكنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ساندۇ، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مولداۋىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى نىكۇ پوپېسكۇمۇ پايتەخت كىشىنېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا توكنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى رەھىمسىزلەرچە بومباردىمان قىلىشى دۆلىتىمىزدە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شۇڭلاشقا، مەن رۇسىيەنىڭ كىشىنېۋدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردىم» دېدى.

ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە شىركىتى — ئۇكرېنېرگو، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈنكى راكېتا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، مەملىكەت مىقياسىدا سۇ ۋە توك توختاپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلكىىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر