شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاتلانتىك ئوكياندا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا تەۋە 5 ئاۋىئاماتكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ئاق دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1908352
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاتلانتىك ئوكياندا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، نويابىر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان مانېۋىرلاردا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەگە تەۋە ئاۋىئاماتكىلارغا نۇرغۇن ساندا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەمراھ بولماقتا.

مىڭلىغان ئەسكەر قاتناشقان مانېۋىرلاردا ئامېرىكاغا تەۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ چوڭ ئۇرۇش پاراخوتى ھېسابلىنىدىغان <USS Gerald R. Ford> ناملىق ئاۋىئاماتكىمۇ قاتناشماقتا.

باشقا ئاۋىئاماتكىلار بولسا، ئامرىكاغا تەۋە <USS George H.W.Bush>، ئەنگىلىيەگە تەۋە < HMS Queen Elizabeth>، فىرانسىيەگە تەۋە  <Charles De Gaulle> ۋە ئىتالىيەگە تەۋە <Cavour>  ناملىق ئاۋىئاماتكىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

بۇ ئاۋىئاماتكىلارغا كانادا، دانىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، گىرېتسىيە، ئىتالىيە ۋە ئامېرىكادىن كەلگەن باشقا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭمۇ ھەمراھ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مانېۋىردا سۇ ئاستى پاراخوتلارغا قارشى كۈرەش ۋە ھاۋا ئۇرۇشى پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە، دېڭىزدا تولۇقلىما پائالىيەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.

مانېۋىردا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىر ئاۋىئاماتكىدىن ئۇچۇپ، يەنە بىر ئاۋىئاماتكىغا قۇنۇش مەشقى ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر