زېلېنسكىي ئەردوغان بىلەن گۇتېررېسقا تەشەككۈر ئېيتتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقىرىلغانلىقى سەۋەبىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسقا تەشەككۈر ئېيتتى.

1907724
زېلېنسكىي ئەردوغان بىلەن گۇتېررېسقا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈنۈگۈن (17-نويابىر) چىقىرىلغان قارار سەۋەبىدىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ تۈنۈگۈن كېچىدە تېلېگرام ئادرېسىدا سىنلىق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ، تۈركىيە، ب د ت، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئارىسىدا چىقىرىلغان قارار بىلەن ئۇزارتىلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى سايىسىدا 1-ئاۋغۇستتىن (2022) باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسادىكى پورتلىرىدىن 450 دىن ئارتۇق پاراخوتتا 11 مىليون توننىغا يېقىن ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلدۇق، بۇنىڭغا ياردەم قىلغان بارلىق شېرىكلىرىمىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسقا ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئايرىم تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

ئۇ دۇنيا ئاچارچىلىق كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنى كېڭەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، پولشا ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

 «دۇنيا ئىتتىپاقلاشسا ئاچارچىلىقنى يىڭەلەيدۇ.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈنمۇ ئۇكرائىناغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن يەتتە پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە بۇ ساننىڭ ئېشىش مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈنۈگۈنكى ھاۋا ھۇجۇمىدا يەنە، ئۇكرائىنادىكى ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، پايتەخت كىيېۋ ۋە باشقا رايونلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاراڭغۇدا قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر