لاۋروۋ: غەرب ئەللىرى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشنى خالايدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1905945
لاۋروۋ: غەرب ئەللىرى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشنى خالايدۇ
biden-asean.JPG
asean.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ كامبودژانىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2022 – يىللىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن  پايتەخت فنوم پېنغا يېتىپ بارغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە مەتبۇئاتلارغا بايانات بەردى.

ئۇ ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ھازىر رايوندا سىغدۇرۇشچان بىر قۇرۇلما بار، ئەمما ئامېرىكا بىلەن ناتو بۇ رايوننىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە دائىر «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» باياناتلىرى سەۋەبىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق بىر قارار چىقارغىلى بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ،  كامبودژا  تەرىپىدىن تېخىمۇ بەك ھەمكارلىىشىش توغرىسىدا بىر بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ غەربنىڭ رايوننى ھەربىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالامىتىنىڭ بولسا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى «AUKUS» بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ «AUKUS» بىخەتەرلىك شەرتنامىسىغا يېڭى زېلاندىيە، كانادا ۋە ياپونىيەنىمۇ كىرگۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.  

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋستىرالىيە رەھبەرلىرى 2021 - يىلى  16 - سېنتەبىردە «AUKUS» بىخەتەرلىك شەرتنامىسى بىلەن يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسىنى ئاۋستىرالىيەگە يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتتا، گەرچە خىتاينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، «ئۈچ دۆلەت (ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە) كۇنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىگە ئورتاق ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەمكارلىق شەرتنامىسى خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى.

خىتاي بولسا، «AUKUS» بىخەتەرلىك شەرتنامىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ئىتتىپاقنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا شۇنداقلا خەلقئارانىڭ يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر