زېلېنسكىي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان دونېتسىكتىكى توقۇنۇش ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇ يەر پۈتۈنلەي بىر دوزاخ» دېدى.

1905690
زېلېنسكىي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي تېلېگرامما قانىلىدا ھەمبەھىرلىگەن سىنلىق ئۇچۇردا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ئۈستىدە توختالدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ رۇسىيە ئارمىيىەسى چېكىنگەن خېرسون شەھىرىگە كىرگەنلىكىنى ۋە خەلقنىڭ ئەسكەرلەرنى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۈگۈن ھەممىمىز بىرلىكتە خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولىۋاتىمىز، خېرسوندىكى خەلقىمىزنىڭ ئۇكرائىنا قوغدىغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر كۆرۈنۈشلەرنى تېخىچە كۆرمىگەن بىرەر ئادەم قالدىمۇ بىلمەيمەن» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇچۇرىدا، «بۈگۈن ئاخشام مۇداپىئە قىسىملىرى خېرسون رايونىدىكى 60 نەچچە ئولتۇراق رايوننى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى. ساقچىلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى باشلىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

رۇسىيە قىسىملىرى چېكىنگەندىن كېيىن، رايوندا نۇرغۇنلىغان پارتىلىمىغان مىنا، ئوق ۋە باشقا ئوق-دورىلارنىڭ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن مىنا تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي مەملىكەتتە ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان ئالدىنقى سەپلەرنىڭ بىرى بولغان  دونېتسىك رايونىدا ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇ يەر پۈتۈنلەي بىر  دوزاخ، ھەر كۈنى ئۇ يەردە ئىنتايىن ئېغىر ئۇرۇشلار بولماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر