كۇلېبا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئاشلىق كارىدورىنى قوللاشقا چاقىردى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمترو كۇلېبا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئاشلىق كارىدورىنى قوللاشقا چاقىردى.

1905612
كۇلېبا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئاشلىق كارىدورىنى قوللاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا، كامبودژانىڭ پايتەختى فىنوم پېندا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 40- ۋە 41 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى داتو لىم جوك خوي بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كۇلېبانىڭ ئۇچرىشىشتا،  ئاشلىق كارىدورىنىڭ يەر شارى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن، رۇسىيەدىن قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشىنى تەلەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قارا دېڭىزدىن بىخەتەر ئاشلىق توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  22 - ئىيۇلدا ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانسىىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسدا «ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر