گۇتېررېس ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرمادا «مەغلۇب» بولغانلىقىنى ئېيتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 2021-يىلى 2-ئايدىن بۇيان ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان بېرمىدا «مەغلۇب» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1905609
گۇتېررېس ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرمادا «مەغلۇب» بولغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، كامبودژانىڭ پايتەختى فنوم پېندا داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتكە ئىتتىپاق ئوتتۇرىغا قويغان بەش ماددىلىق تىنچلىق پىلانىغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، 2023-يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ھىندونېزىيەنىڭ، بېرمانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئىشارەت قىلىپ: «ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر كۈنتەرتىپنى ئىجابىي شەكىلدە ئېلىپ ماڭالايدىغانلىقى»نى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس يەنە، ب د ت نىڭ بېرما ئالاھىدە ۋەكىلى نوئېلېن ھېيزېرنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، بىرمانىڭ «دراماتىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» گە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

بېرما مەسىلىسىدە بارلىق تەرەپلەرنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلغان گۇتېررېس: «ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر