بايدىن سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات كېلىشىمىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى.

1905611
بايدىن سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات كېلىشىمىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن، مىسىرنىڭ شەرمۇششەيخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27 - نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات يىغىنىدىكى سۆزىدە، كىلىمات كىرىزىسىنىڭ ئىنسانىي، ئىقتىسادىي، مۇھىت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ھامان دەرھال كېلىشىمگە قايتىپ كەلدۇق. زور كۆلەملىك كىلىمات باشلىقلار يىغىنلىرىنى ئاچتۇق. ئۆز ۋاقتىدا بۇ كېلىشىمدىن چېكىنگەنلىكىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن» دېدى.

ئامېرىكانىڭ 2030-يىلىغىچە كاربون قويۇپ بېرىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بايدىن، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭمۇ فوسىل يېقىلغۇغا تايىنىشنى تېزدىن تۈگىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى..

ئۇ يەنە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشى كۈرىشىگە 150 مىليون دوللار تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بايدىن سۆزىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، زالدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى فوسىل يېقىلغۇغا قارشى شوئار توۋلاپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بايدىن نايىشچىلار زالنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر