ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا 82 مۇسۇلمان نامزات قازاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا، دۆلەتلىك ۋە ئىشتاتلىق سەۋىيەدىكى 82 مۇسۇلمان نامزات غەلىبە قىلىپ، رەقىپلىرىنى ئارقىدا قالدۇردى.

1905091
ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا 82 مۇسۇلمان نامزات قازاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Jetpack بايلىق مەركىزى ۋە ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرتى كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكالىق 82 مۇسۇلمان نامزات فېدېراتسىيە ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ھەر خىل ئورۇنلارغا سايلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىم ، 2020-يىلى 71 مۇسۇلمان نامزات غەلىبە قىلىپ، رېكورت ياراتقان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر