ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىنىڭ پالاتا نەتىجىلىرى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس

ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا كونگرەنىڭ ئىككى قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا قايسى پارتىيەنىڭ كۆپ ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

1904359
ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىنىڭ پالاتا نەتىجىلىرى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) ئېلان قىلغان بىرەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر كېڭەش پالاتاسىدا 19 ئورۇننى، دېموكراتلار 12 ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن. دېموكراتلار تۈرك دوختۇر مەھمەت ئۆز رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويغان پېنسىلۋانىيەدە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قولىدىن بىر ئورۇننى قايتۇرۇۋالغان.  ۋىسكونسىن، جورجىيا، نېۋادا ۋە ئارىزونا ئىشتاتلىرىنىڭ سايلام نەتىجىسى چىقمىغان.

كېڭەش پالاتاسىدا ھەر ئىككى پارتىيە 50 دىن ئورۇنغا ئىگە بولغان ئەھۋالدا، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامېلا خاررىس ئوخشاش ۋاقىتتا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، پالاتانىڭ كونتروللۇقى يەنىلا دېموكراتلاردا بولىدۇ.

ئاۋام پالاتاسى رىقابىتىدە، جۇمھۇرىيەتچىلەر 198 ئورۇنغا، دېموكراتلار 167 ئورۇنغا ئىگە بولدى. 218 ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن پارتىيە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقىنى ۋە ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ باشلىقىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.

غەرب تەرەپتىكى ئىشتاتلارنىڭ سايلام نەتىجىسى ھازىرچە كەلمىدى، ئەمما يېڭى مەلۇماتلاردا دېموكراتلارنىڭ ئاۋام پالاتاسى رىقابىتىدە ئىككى ئورۇننى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى كۆرۈلدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر يەنە، بۇندىن ئىلگىرى بەزى سايلام رايونلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى سەۋەبلىك بوش تۇرغان بىر ئورۇننىمۇ قولغا كەلتۈردى.

بۇ يىل (2023) كېڭەش پالاتاسىدا ئالتە يىللىق ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان 29 جۇمھۇرىيەتچى بىلەن 36 دېموكرات سايلامغا قاتناشمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر