ئۇكرائىنا: NASAMS ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇۋالدۇق
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ NASAMS ۋە ئاسپايد ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
1903403
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېزنىكوۋ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتىگە يېڭى ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنىڭ كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ ھەقتىكى ياردەملىرى ئۈچۈن نورۋېگىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسپانىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: « NASAMS ۋە ئاسپايد ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بۇ قورال – ياراغلار ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قۇدرەت تاپقۇزىدۇ، ھەمدە ھاۋا تەۋەلىكىمىزنى تېخىمۇ بىخەتەر ھالغا كالتۈرىدۇ. بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان دۈشمەننىڭ نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»