ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراققا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىراننىڭ يېقىن كەلگۈسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراققا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرى) تۈپەيلى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1900816
ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراققا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ۋال ستريت جورنال»غا بايانات بېرىپ، ئىراننىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى دۆلەت ئىچىدىكى نامايىشلاردىن باشقا ياققا بۇرىۋېتىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى بەزى ئورۇنلارغا پات يېقىندا ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، مەزكۇر ئىككى دۆلەت ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر