نېد پرايس: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا يادرو قورالى ئىشلىتىشى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1897164
نېد پرايس: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا يادرو قورالى ئىشلىتىشى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: « (رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى) كىرېمىلدىن تارقالغان بۇ خىل ناتوغرىلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغانلىقىمىزدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. بىز كىرېمىلنىڭ بۇ خىل ئۇچۇر قالايمىقانچىلىقىغا ئالاقىدار ئۆتمۈشىنى بىلىمىز» دېدى.

ئۇ، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمترو كۇلېبانىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA)  درېكتورى رافائىل گروسسى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلىتىدىكى ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭمۇ بۈگۈن گروسسى بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپلىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېد پرايس، رۇسلارغا كۆرسىتىدىغان ھەر بىر باھانىلىرىنىڭ سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋېتىدىغان تۇقۇلمىلاردىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا يادرو قورالى ئىشلىتىدىغانلىقىغا دائىر بىرەر ئالامەت ۋە ئامېرىكانىڭ يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئۆزگەرتىشىنى تەقەززا قىلىدىغان ھەرقانداق بىر سەۋەبنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

باياناتچى پرايس، بۇ ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيەنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېخىمۇ كەسكىن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرىنى، ئەمما تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ تۈنۈگۈن ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنانىڭ «مەينەت بومبا» ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ دەۋالىرىنى رەت قىلىپ، جىددىيچىلىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن باھانىلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر