شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ ئۇنى يادرو كۈچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىنى مەقسەت قىلماقتا

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ سىناقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

1892263
شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ ئۇنى يادرو كۈچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىنى مەقسەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىل سانى رېكورت دەرىجىدە ئاشقان سىناقلىرى چارشەنبە كۈنىمۇ داۋاملاشتى.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، كىم جوڭئۇننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۆپەيتىشىدىكى سەۋەب، 24 - فېۋرالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشى پەيدا قىلغان بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ،  ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت سالالايدىغان دەرىجىدە مۇكەممەللەشكەن قورال ئامبىرى قۇرۇپ چىقىش ئىكەن.

جەنۇبىي كورېيە مەسئۇللىرى كىم جوڭئۇننىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئاتوم سىنىقى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيەنى ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە كېڭىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە يادرو كۈچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈنكى سىناق جەريانىدا، ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ سائەت ئۇچقانلىقىنى، غەربىي دېڭىز ئۈستىدىن تۇخۇم ۋە سەككىز شەكىللىك لىنىيىلەرنى سىزىپ، 2000 كىلومىتىر ئۇزاقلىقتىكى نىشانغا زەربە بېرەلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر