ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن  يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە 21 كىشى قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ شىمالىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن  يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە 21 كىشى قازا قىلدى.

1890683
ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن  يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە 21 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرخىل ھادىسىلەردە 18 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلكىلىك ساقچى ئەمەلدارى پرابخۇ ن سىنگ باھرەيچ، شراۋاستى ۋە بالرامپۇر رايونىدا كەلكۈننىڭ ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار سانىنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى ئېيتتى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت يېڭى دېھلىدىمۇ بىر ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 3 كىشى قازا قىلغان.

شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يېڭى دېھلىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە كۆلچەكلەر مەيدانغا كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر