ئۇكرائىنانىڭ زاپورىجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى جىددىي ئەندىشە ياراتماقتا

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئۇكرائىنادىكى زاپورىجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ توكىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1890237
ئۇكرائىنانىڭ زاپورىجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى جىددىي ئەندىشە ياراتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى رەئىسى رافائىل مارىيانو گروسسى يازما باياناتىدا، ئىستانسىغا سىرتقى ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن توك يەتكۈزىدىغان لىنىيەنىڭ ھۇجۇملار سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئىستانسىغا سىرتتىن توك ئېقىشىنىڭ توختىغانلىقىنى، بۇ ۋەجىدىن رېئاكتورنى سوۋۇتۇش ۋە يادرو بىخەتەرلىكى ئۈچۈن گېنېراتورلارنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

گروسسى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، كېچىدە يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇش نەتىجىسىدە ئىستانسىنىڭ توك ئۇلىنىشىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى رەئىسى گروسسى ئىستانسىدىكى رېئاكتورنى سوۋۇتۇش ۋە يادرو بىخەتەرلىكى شۇنداقلا ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گېنېراتورلارنى جىددى ھەرىكەتكە سېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گروسسى گېنېراتورلارنىڭ ئاران  10 كۈنلۈك يېقىلغۇسى قالغانلىقىنى، ئىستانسىنىڭ تاشقى ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ زاپوروجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى  ۋە ئەتراپىدا قوراللاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىر يادرو بىخەتەرلىك رايونى قۇرۇشنى جىددىي تەقەززا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گروسسى: «ئىستانسىنىڭ تاشقى ئېنېرگىيە مەنبەسىگە زىيان يەتكەۈزگەن بومبا پارتىلاشلارنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. زاپوروجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى چوقۇم قوغداش كېرەك. يادرو پالاكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەر رايون قۇرۇش مۇتلەق ۋە جىددىي ئېھتىياجدۇر» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر