ئۇكرائىنا ئارمىيەسى خېرسوننىڭ بىر يېزىسىنى ئازاد قىلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە بېسىۋالغان خېرسوننىڭ بىر يېزىسىنى قايتۇرۇۋالدى.

1889026
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى خېرسوننىڭ بىر يېزىسىنى ئازاد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئالاھىدە قىسىمىنىڭ رەسمىي تېلېگرام بېتىدە خېرسوننىڭ بىر يېزىسىنىڭ رۇسىيە ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا: «بۇ قېتىم ئۇكرائىنا ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى خېرسون رايونىدىكى مالا ئولېكساندرىۋكانى كونترول ئاستىغا ئالدى» دېيىلدى.

لۇخانسك رايونىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل باشلىقى سېرگېي گايدايى ئۆزىنىڭ تېلېگرام ئادرېسىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دونباستا لۇخانسك رايونىدىكى ئاھالىلەر نۇقتىلىرىنى قايتىدىن كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر رايوندىكى بەزى جايلارنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «لۇخانسك رايونىنى ئازاد قىلىش باشلاندى. بىر قانچە ئاھالىلەر رايونى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىدىن ئاللىبۇرۇن ئازاد قىلىندى. ئۇ يەرلەردە ئارمىيەمىز ئۇكرائىنا بايرىقىنى لەپىلدەتمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر