تايلاندتىكى بىر بالىلار پاراۋانلىق مەركىزى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 30 دىن ئارتۇق قازا قىلدى

تايلاندنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 35 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1889248
تايلاندتىكى بىر بالىلار پاراۋانلىق مەركىزى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 30 دىن ئارتۇق قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نوڭ بائۇا لامفۇ رايونىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 24 ى بالىلار بولۇپ، جەمئىي 35 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

رايوندىكى ساقچى ئىدارىسى ھازىرغىچە قولغا چۈشۈرۈلەلمىگەن ھۇجۇمچىنىڭ سابىق ساقچى خادىمى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر