ماكرون ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1887599
ماكرون ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلسىي سارىيى ماكروننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت ماكرون رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنى قوشۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قايتىدىن ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى داۋالاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتە قەتئىي ئىرادەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى رەھبەر زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى. ماكرون يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ باش مۇدىرى ئىخور مۇراشوۋنىڭ رۇسىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنكىنىمۇ ئەيىبلىدى.

ئىككى رەھبەر يەنە، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان ئۇكرائىنا خادىملىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالماشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر