رۇسىيە يادرو قوراللىرى ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىشنى توختات

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەگە «يادرو قوراللىرى ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىشنى توختات» دەپ ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1884784
رۇسىيە يادرو قوراللىرى ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىشنى توختات
Antony Blinken.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن س ب ئېس (CBS) تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلىدىغان «60 مىنۇت» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ موسكۋاغا مەخسۇس ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يادرو قوراللىرى ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىشنى توختىتىشى ئۈچۈن ئاشكارا ھالدا رۇسىيەگە قارشى كەسكىن بولدۇق. موسكۋانىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىزدىن ئاڭلىشى ۋە بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېدى.

ئۇ ھەر قانداق يادرو قورالى ئىشلىتىشنىڭ، ئىشلەتكەن دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر