جەنۇبىي كورېيەدە بىر سودا سارايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 7 كىشى قازا قىلدى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ داجيون شەھىرىدە بىر سودا سارايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 7 كىشى قازا قىلدى.

1884605
جەنۇبىي كورېيەدە بىر سودا سارايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 7 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈسېڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىمى لى سۇڭخەننىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئاپىتىدە 6 نەپەر سودا ساراي خادىمىنى قوشقاندا جەمئىي 7 كىشى قازا قىلغان.

لى ھاياتىدىن ئايرىلغان يەنە بىر كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش تىرىشچانلىقى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  

داجېئون ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن گو سېئۇڭ چېئول شەھەردىكى سودا ساراينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:45  ئۆتكەندە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئەتراپتىكى يېشىكلەر سەۋەبىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوتنىڭ ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

گو سېئۇڭ چېئول ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، سودا ساراي مەركىزى ۋە ئەتراپتىكى بىنالاردا  تۇرۇشلۇق ئاز دېگەندە 100 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

گو سېئۇڭ چېئول 500 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ چاپالىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 ئەتراپىدا ئوتنىڭ ئۆچۈرىۋىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان گو، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوت ئاپىتى سودا ساراي ئېچىلىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولغاچقا چوڭ پاجىئەنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر